دەۋر بىلەن تەڭ ماڭىدىغان شەخسىي نەشرىيات سۇپىسى
خۇش كەپسىز. ۋوردپرەس مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر تۈر. ھەر بىر تۈزگۈچى ۋە تۆھپىكار قوشۇپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كۆپچىلىك بىرلىكتە گۈزەل بىر سىستېمىنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق. بۇنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. كۆپچىلىك ۋوردپرەس ئۈچۈن چەكسىز كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلدى. ۋوردپرەسنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشىپ تۇرماقتىمىز. ئاخىرىدا ۋوردپرەسنى تاللىغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
—مات مۇللېنۋېگ (Matt Mullenweg)
wp-config-sample.php
ھۆججىتىنى خالىغان بىر تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، ساندان ئۇلىنىشىغا كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلار (ساندان نامى، ساندان قوللانچى نامى، ساندان پارولى ۋە مۇلازىمېتىر نامى قاتارلىقلار) نى كىرگۈزۈڭ.wp-config.php
نامىدا ساقلاڭ.admin
نى، پارولغا بايا خاتىرىلىۋالغان پارولنى كىرگۈزۈپ ئارقا سەھنە باشقۇرۇش بېتىگە كىرسىڭىز بولىدۇ. باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن «قوللانچىلار» تىزىملىكىدە بۇ پارولنى ئۆزگەرتەلەيسىز.ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ۋوردپرەسنىڭ 2.7 نەشرى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرى بولسا ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز:
بۇرۇنقى ئەندىزىنى ئۆزگەرتىپ تەھرىرلىگەن بولسىڭىز، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا تەھرىرلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇشى مۇمكىن. 1.2 نەشرىدىن بۇرۇنقى ئەندىزىنى ئۆزگەرتىشىڭىز ئۈچۈن ئالاھىدە قوللانما تۈزۈپ چىقتۇق.
سىز يولۇققان مەسىلىگە قارىتا بۇ ھۆججەتتىن تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز، ۋوردپرەسنىڭ توردىكى مول ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىڭ:
ۋوردپرەس بولسا مىشېل .ۋ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن b2/cafélog كە رەسمىي ۋارىسلىق قىلغان بلوگ قورالى بولۇپ، ئۇنى ۋوردپرەس تۈزگۈچىلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھازىرقى ۋوردپرەسكە ئەكەلگەن. ۋوردپرەسنى قوللىماقچى بولسىڭىز، ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
ۋوردپرەس نۇرغۇنلىغان بلوگ سىستېمىلىرىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىمپورتلىيالايدۇ. ئاۋۋال ۋوردپرەسنى يۇقىرىقى ئۇسۇلدا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.
نۆۋەتتە Windows Live Writer, Ecto, Bloggar, Radio Userland, NewzCrawler ۋە Blogging API نى قوللايدىغان باشقا قوراللارنى ئىشلىتىپ ۋوردپرەسكە يازما يوللاشقا بولىدۇ! :) Radio Userland تە بولسا Radio نىڭ ئېلخەتتە يازما يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تەپسىلاتىنى كودېكستىكى XML-RPC قوللاش ياردەملىرى (ئىنگلىزچە) دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
ئېلخەت مۇلازىمەت قورالىدىن يازما يوللىيالايسىز! بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن "يېزىش" تاللاش كۆزنىكىدە ئۆزىڭىزنىڭ مەخپىي POP3 ھېساباتىڭىزنىڭ ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇڭ. ئاندىن يېڭى ئېلخەت يازمىسى بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن wp-mail.php
نى قەرەللىك ئىجرا بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ بېرىڭ. بۇنى Cron-jobs ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ناۋادا مۇلازىمېتىرىڭىز ئۇنى قوللىمىسا، سىز بىر قانچە خىل تور بەت كۆزىتىش مۇلازىمىتىنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى wp-mail.php
ئادرېسىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
يازما يوللاش تولىمۇ ئاددىي: سىزنىڭ بەلگىلەپ قويغان ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يوللانغان ھەرقانداق ئېلخەت يازما بولۇپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئېلخەتنىڭ تېمىسى يازما تېمىسى بولىدۇ. ئادرېسنى مەخپىي تۇتۇش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللانغان يازمىنىڭ ئېلخېتىنى سىستېما ئۆزى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.
2.0 دىن باشلاپ تېخىمۇ قۇلايلىق بولغان قوللانچى دەرىجىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللاندۇق. بۇ توغرىلىق كودېكستىكى قوللانچى دەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
ۋوردپرەسنىڭ مىليون دوللارلىق بازىرى ياكى داڭلىق چوڭ قوللىغۇچى كارخانىلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن سىزگە ئوخشاش يېقىن قوللىغۇچىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلىرى بار. شۇڭا بىز يەنىلا سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا تەييارمىز. ئەگەر ۋوردپرەستىن خۇشاللىق تاپالىسىڭىز ئۇنى دوستىڭىزغا تونۇشتۇرۇڭ، ياكى ۋوردپرەس توغرىلىق سىزچىلىك بىلىمگە ئېرىشىش پۇرسىتى بولمىغانلارغا قاچىلاپ بېرىڭ، ۋە ياكى ۋوردپرەسنى ياراتمايدىغان يازغۇچى- ئاخباراتچىلارغا ئېلخەت يوللاپ قويۇڭ.
ۋوردپرەس GPL كېلىشىمىدە تارقىتىلماقتا (license.txt كە قاراڭ).