ماھاتما گەندى ھىندىستان ۋە ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىي ۋە رۇھانىي داھىيسى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ھىندى مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھىندىستان خەلقى تەرپىدىن «مۇقەددەس ئاتا» دەپ ئۇلۇغلانغان. ئۇ ئاتاقلىق سىياسى داھىي بۇلۇپلا قالماي، يەنە مەشھۇر مۇتەپەككۇر بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ئىدىيىسى پۈتكۈل ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا غايەت زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى گەندىزم دەپ ئاتىلىدۇ. ھەقىقەت ۋە يامانلىقققا قارشى ئاكتىپ ئەمما شىددەت قوللىنىلمىغان تىركىشىش بىلەن ئالاقىدار بولغان ساتياگاراھا (Satyagraha) پەلسەپەسىنىڭ باشچىسىدۇر. بۇ پەلسەپە ھىندىستاننى مۇستەقىللقىغا قاۋۇشتۇرغان ۋە يەر يۈزىدە ۋەتەنداشلىق ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك قوغدىغۇچىلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولغان.
ئۇ «ئۆتكەن 30 يىلدىكى يولباشچى ۋە پەيلاسوپ»، «ھىندىستاننىڭ ئەركىنلىك ماياكى». 1947-يىلى 8-ئايدا، ھىندىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيەسى موھانداس كارامچاند گەندى ئەنە شۇنداق تەرىپلەنگەن. دەۋامى...