ئۇيغۇرچە ۋىكىپىدىيە

ئورنى Wikipedia
Wikipediye-ge-hosh-kelipsiz1.jpg
ھەركىم تۆھپە قوشالايدۇرغان ئوچۇق ئېنسىكلوپېدىيە
ئۇيغۇرچە ماقالە سانى: 3,273
 
2017- يىل 5- مارت، يەكشەنبە

خەلقئارالىق ئۇچۇر بىلىم تور بېتى ۋىكىپېدىيەنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخاسىغا خوش كېلىپسىز!

ھەپتىلىك نادىر يازما

Anavoi.jpg

بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (17- رامازان 844 ھ.) ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خوراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .

تۆمۈرىلەر پادىشاھى شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج – تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك، ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 – ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقىرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى. شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى. دەۋامى...

يېڭىلىقلار

بىلەمسىز...

Tamerlan.jpg

ئەمىر تېمۇر (1336 — 1405) ئەمىر تېمۇركوراگان، تېمۇرلەڭ، ساھىبقىران، ئاقساق تېمۇر دېگەن ناملاربىلەنمۇ ئاتالغان بولۇپ، مىلادى 1370يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بۆلۈۋىلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخىت قىلىپ، تېمۇرىيە سۇلالىسىنى تىكلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي غەربتە قارادېڭىز، ئىران، جەنۇبتا ھىندىستانغىچە بولغان جايلارنى بېسىۋالغان. كېيىنچە موغۇلۇستان پادىشاھى يۇنۇسخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ «كوراگان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. مىلادى 1405-يىلى زورقوشۇن بىلەن جوڭگوغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە ئوترارشەھرىدە ۋاپات بولغان.....داۋامى ئۈچۈن

مەشھۇر شەخس...

Khoja Niyaz.jpg

خوجىنىياز ھاجى (چاغاتايچە: جواجە نياز حاجى) 1889- يىلى قۇمۇلدا قۇل دورغا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ئىمىننىياز ئۇنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن 17 يىشىدا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئويلەپ قويىدۇ، 1907-يىلى ئالۋاڭغا ئىشلەپ قايتىشىدا 20 نەپەر گەنسۇ چىرىكلىرىگە تۇتۇلۇپ بىر ئاي ھاشارغا ئشلەيدۇ .بۇ چاغدا تورپاقلار قوزغىلىڭى نىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قىچىپقورايغا بارىدۇ .ۋەئاممىغا قوشۇلۇپ ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ ،قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ .قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋاڭ ئۇنى تۇتالماي دادىسىنى زىندانغا تاشلايدۇ ،ھاجىم ئانىسىنىڭ يەردىمىدو ھەج سەپىرىگە كىتىدۇ .1912-يىلى قايتىپ كېلىدۇ......داۋامى ئۈچۈن

تارىختا بۇ ئاي...

ھۇد ئايى فېۋرال (ئىنگ: February) ئايى مىلادى تەقۋىمىدە يىلنىڭ 20 ئېيىدۇر. بۇ ئاي ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كەبىسە يىللاردا 29 كۈن بولۇپ كېلىدۇ. تارىخىمىزدا بۇ ئايدا بولۇپ ئۆتكەن بەئزى چوڭ ئىشلار، بۇ ئايدا دۇنياغا كەلگەن ۋە قايتىش بولغان مۇھىم شەخسلەر تۆۋەندىكىچە:

بۇگۈنكى تاللانغان رەسىم

HAMILTON, Alexander-Treasury (BEP engraved portrait).jpg

ئالېكساندېر خامېلتون (ئىنگ: Alexander Hamilton)(ت. 1757- يىلى 11- يانۋار ئۆ. 1804- يىلى ئىيۇل) ئا ق ش تارىخىدىكى تۇنجى خەزىنە مېنىستېرى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مالىيە سېستىمىسىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.

مۇنازىرە ۋە ياردەم · تۈرلەر · ئاچقۇچ تۈرلەر · تۈر
ئۇچۇر | پەلسەپە | ئومومى | ئىلىم | ئەمەلىي | جەمئىيەت | گۇمانتار | تىل | تېخنىكا‏ | تەبىئەت | مەدەنىيەت | ئەدەبىيات | تارىخ | ھالقىما | جۇغراپىيە | كىشلەر | ۋىكى

ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك ڭ گ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي



باشقا ۋىكى تۈرلىرى

ۋىكىلۇغەت
كۆپ تىللىق لۇغەت
[ۋىكىكىتاپ]
ئەركىن كىتاپ ۋە قوللانمىلار
[ۋىكىنەقىل]
ماقال تەمسىل ۋە ھىكمەتلەر
ۋىكى مەنبە
ئەركىن كۈتۈپخانا
ۋىكى تۈرلىرى
تۈرلەر كاتالوگى
ۋىكىخەۋەر
ئەركىن يېڭىلىقلار
Commons
مېدىيا ئامبىرى
Meta-Wiki
ۋىكى مەركىزى